text
stringlengths
16
1.29k
label
int64
0
1
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇھىم تەستىق سېلىپ، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
1
يېقىندا تىرىك چوشقا ۋە چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئېمپورت قىلغان رايونلار، چوشقا باقمىچىلىقى زىچ رايونلار ۋە چوشقا فېرمىسى، قۇشخانا، چارۋا بازىرى قاتارلىق جايلاردا چوشقا زوكۇمىنى كۈزىتىش ۋە تەكشۈرۈشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ خەتەرنى تۈگۈتۈش كېرەك.
1
ئۈچىنچى، مەدەنىيلىك سىغدۇرۇشچاندۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى سىغدۇرۇشچان بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولغان.
1
جۇڭگو شەرقى جەنۇبى ئاسيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى 500مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1
كېيىنكى 100قىسىمنى ئىشلەشتە 3 مىليون يۈەن مەبلەغ كەملەپ قالغاچقا، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپنىڭ تازا بېشى قاتتى.
0
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ساياھەت، كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە بىرقاتار كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك تەشەببۇس، كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈر نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، يىغىن نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ئەمەلىي تەدبىرلەر چىقىرىلىدۇ.
1
ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدى گۈللەر بىلەن تولدى، كىشىلەر ھۆرمەت ھېسسىياتى بىلەن قەھرىمانلار - قۇربانلارنى ياد ئەتتى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت سودىسى كۈنسېرى خەلقئارا سودىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.
1
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىلارغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
1
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان قارىشىدىن مەن چوڭقۇر تەسىرلەندىم.
1
ئايال خوجايىن ئايشەمگۈل ئەزىز ئالايىتەن بىزنى باشلاپ ئۆيىدىكى تازىلىق ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى: سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان تەرەت تۇڭىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا مۇنچا ئورنىتىلغان بولۇپ، ھەممىسى شۇنچىلىك پاكىز، شۇنچىلىك يورۇق ئىدى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
1
«كەنتنىڭ قىياپىتى ياخشىلاندى، پائالىيەت مەيدانى پۈتتى، يىگىتلەر خۇرۇم ئاياغ، قىزلار ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغلىرىنى كىيىشىپ، بىر - بىرىدىن مودىلىشىپ كەتتى، بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن كۆڭلۈم گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى» دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.
1
ياخشى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى ئىللىق خەۋەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى.
1
زېمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، چېخ بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن خۇشالمەن.
1
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر ھەمدە ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي پايدىسى، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئاكتىپ باھا بەردى.
1
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ۋىلايەت يەنە «باش شۇجىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابلارنى ئوقۇش» باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كىتابنى كۆپ ئوقۇش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.
1
− 4- ماي ھەرىكىتى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېلىشىشى ئارقىلىق مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان ئۇلۇغ ئەنئەنىنى يېتىلدۈردى.
1
«ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.» يىغىنغا قاتناشقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر.
1
يەكەن ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار رەسىمى بازىسى، ھەربىر كەنتتە دېھقان رەسسام بار، ناھىيەدە رويخەتكە ئېلىنغان دېھقان رەسسام 100دىن ئاشىدۇ.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
1
قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىلدى
1
بىز ياشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ، ياشلارنى يېتەكلەپ، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك.
1
ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
1
قول ھەرىكىتى ئۇسسۇلى «يىپەك يولى جۇلاسى»دا يىپەك يولىنىڭ قەدىمكى زامان بىلەن ھازىرقى زاماندىن ھالقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەختلىك كەلگۈسىنى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتەك گۈزەل ئىستىكى تەسۋىرلەندى.
1
چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر ياكى قىزىل ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بېرىپ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتكەن، ياكى كۆكلەم سەيلىسى، چېچەك سەيلىسى قىلغان، لەگلەك ئۇچۇرغان، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى مول، رەڭدار بولغان.
1
كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار غايە-ئېتىقادىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي، باشتىن-ئاخىرى خەلق ئاممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خەلققە خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپا-مۇشاقەتكە چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
1
كادىر - ساقچىلار مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى چىڭ ساقلاپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتەك كەسىپ ئەخلاقىغا ئەمەل قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي بولغان قىممەت ئىنتىلىشىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
1
«ياشلىق باھارى ئۆتسە نەتىجىسىز بىھۇدە، يوقتۇر پۇشايمانغا ئامال چاچقا ئاق كىرگەندە.» بۈگۈنكى دەۋردە، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى كۈنسېرى ئىنچىكىلىشىۋاتىدۇ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقا - ئارقىدىن ۋۇجۇدقا چىقىۋاتىدۇ.
1
بايرام مەزگىلىدە تۇغقانلار، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن ئۆزئارا كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك جەم بولساق، بايرام تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
1
ئىنقىلاۋىي قەھرىمانلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەپ، تارىخنى قايتىدىن نامايەن قىلايلى، جىلىننىڭ يەنبيەندىكى جىن چۇنشيې بوۋاي ئون يىلدا 77 خاتىرە تېشى ياسىدى، ئۇ تارىخ ئىزنالىرى بىز بىلەن ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ دېدى.
1
تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە شەكىللەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق ياخشى قوللىنىش، ياخشى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
1
كېنىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغىچە ئۇزارتىشنى خالايدۇ.
1
ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ياش قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياش قەھرىمانلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.
1
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايون «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى.
1
بىز مۇشۇنداق بىر ھېكايە ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايمىز، 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىزگە ئوخشاش ياشلار بۇ تارىخنى چۈشىنىشى، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ سەگەك تۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بىلىشى كېرەك.
1
2017- يىلىدىن باشلاپ، چېن لاۋچى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كارىدورى ياسىدى، كوچىلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلىدى، تۆت كىچىك سەيلە باغچىسى قۇردى.
1
قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەت مامۇتنىڭ پېنسىيەگە چىققىنىغا تۆت يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى پۇلىنى ئېلىش كەسپىنى ھازىرغىچە بېجىرمىگەنىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن، پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان، يەنە بىر تەرەپتىن، مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتىن ئېرىنگەنىدى.
0
مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگوغا قۇچاق ئېچىش» پىلانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىگە بوشاشماي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
1
مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئۆلكە ، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلار ئېتقاد جەھەتتە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشى شەرت ؛
1
2018-يىلى يەنە تېخىمۇ كۆپ 1-لەر جۇڭگو كۆۋرۈك قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ قولىدا بارلىققا كېلىدۇ.
1
بىز يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئەۋلادلىرىمىزنى ھەم مول ماددىي بايلىقتىن بەھرىلىنىش، ھەم يىراقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىش، يېشىل تاغلارنى كۆرۈش، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
1
باش ياز مەزگىلىدە، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، گۈللەپ ياشنىغانىدى.
1
«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسلەكداش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق زور پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.
1
كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغاندا ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشتە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تاياندۇق، بەختىمىزگە يارىشا كەنتىمىزدە ياخشى پارتىيە ياچېيكىسى بار!»
1
لېكىن قار-يامغۇردىن كېيىن، سوغۇق ئېقىم كىرىپ، تۆۋەن تېمپراتۇرىلىق ھاۋا بىر مەزگىل داۋاملىشىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر كۈزگى زىرائەت، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
0
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھۆكۈم ئېلان قىلدى
0
پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لارنىڭ ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەتچىلىك - باشقۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ پارتگۇرۇپپا (پارتكوم) شۇجىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىدىكى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ بارلىق نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىش، قاتتىق تەلەپچان بولۇشنى بىر خىل ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
1
قۇرۇلۇش باشلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈريولى تونېل ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى گولمۇد -كورلا تۆمۈريولى تۈرىنىڭ 2 - تارماق بۆلۈمى ئالدىن پىلانلاپ، مۇۋاپىق تەشكىللەپ، جەرياننى تىزگىنلەش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك سۈپىتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىر قانچە ئۈزۈلمە قاتلام ۋە سۇ مول رايونلاردىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، تونېل قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى.
1
نۆۋەتتە كوڭ شياڭرۈينىڭ باشچىلىقىدا تاماملانغان دۆلەت پاتىنتى 12 گە يىتىدۇ ، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدە پۈتكۈل كۈمۈر پىرىستانىدا بىلىم ئۈگۈنىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى .
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىدۇ.
1
تەقدىم قىلىش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى
1
قۇملۇقنىڭ بويىغا جايلاشقان تۆۋەن خادىلىق كەنتىگە بۈگۈنكى كۈندە ئاسفالت يول تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممەيلەن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ھەممە ئائىلىگە سۇ، توك يەتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2008- يىلىدىكى 3300 يۈەندىن، 2018- يىلىدىكى 10 مىڭ 116 يۈەنگە كۆپەيدى.
1
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن، شۇڭا جەزمەن باشتىن - ئاخىر كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، ئىنتايىن زور كۈچ بىلەن ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
1
بۇنىڭدىن سىرت، قوماندانلىق ئىشتابى قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى، تەجرىبىخانىسى، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى ياخشىلايدىكەن.
1
بىز دېڭىزدەك كەڭ كۆڭلى - كۆكسىمىز بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىدىكى قورغاننى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن باشقا مەدەنىيلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
1
چوڭ ئاكىسى سۈن چېڭجۇڭنىڭ كېۋەز تېرىش ۋە تىجارەت قىلىش ئارقىلىق كەنتتە ھەممىدىن ئاۋۋال تېلېۋىزور ۋە ۋېلىسىپىت سېتىۋالغانلىقىنى، كەنتتىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيلىرىنى قايتا ياسىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئەينى چاغدىكى تاللىشىنىڭ توغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
1
جۇڭگو تەرەپ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى پائال قوللاپ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىدىغان دوستانە ھەمراھلاردىن، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ھەمدەم بولىدىغان كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو - موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
1
شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومېتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى چېن پېيخوڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاچقا، ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلدى.
0
مۇقىم، ئىناق مۇھىت شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
1
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خەلق مۇرەسسە كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
1
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېرىدارلارنىڭ خاسلاشقان ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجىغا قارىتا، يىغىلىش مەركىزى ئىمپورت - ئېكسپورت تىرانسپورتى تەشكىللەش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى «پۈتۈن ھاۋا رايىلىق»، «يۈرۈشلۈك» مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈرۈش - تىجارەت سۇپىسى، مەيدان - ۋوگزال يۈرۈش - تىجارەت مۇلازىمەت سۇپىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان - ۋوگزال سۇپىسى قاتارلىق كەسپىي سۇپىلارنى بەرپا قىلىپ، نۆۋەتچى پويىز قاتنىشىنىڭ مۇلازىمەت تىرىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.
1
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كەسپىي مائارىپ خەلق مائارىپى سىستېمىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تېخنىكا، ماھارەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپە، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان.
1
ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىش داۋامىدا بىلىمىمنى ئاشۇرۇپ، پەزىلىتىمنى تاۋلاپ، خىزمەت داۋامىدا ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىمەن.
1
بېلارۇسىيە تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى، جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈم ئېففېكتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا - ئاسىيا رايونىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
1
ئىلگىرى، قۇم - بوران چىققاندا ئۆيدىنمۇ چىققىلى بولمايدىغان يارمەھەللە كەنتىدە تېرىلغۇ يەر ناھايىتى ئاز ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن كەنتنىڭ ياڭاقلىق كۆلىمىلا 2000 مودىن ئاشتى، ئۆرۈك، بېدە قاتارلىق خاس كەسىپلەرمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
1
بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرازىلىيەنىڭ بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە يەر شارىۋى كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
1
بۈگۈنكى كۈندە، قۇملۇق بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىشقا قەسەم قىلغان يارمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بوستانلىق يۇرت - ماكانىنى قوغداپ قالدى.
1
لۇكاشېنكو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېلارۇسىيە جۇڭگوغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن جۇڭگونىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى بولىدۇ.
1
ئاڭشەن سۇجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىرمىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭگونىڭ بىرمىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.
1
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھەم تۆھپە قوشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تېپىلغۇسىز كىشىلىك ھايات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم «زىممەمگە مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت يۈكلەندى» دەيدىغان دەۋر بۇرچىغا دۇچ كەلمەكتە.
1
شىۋېيتسارىيە - جۇڭگو خەلقى ئوخشاشلا تىرىشچان، ئىشەنچلىك، يېڭىلىق يارىتىش خىسلىتىگە ئىگە، بۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىدىكى پۇختا ئاساس.
1
ۋىيېتنام تەرەپ ۋىيېتنام - جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچەيدۇ، جۇڭگونىڭ شۇ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچ گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى قوللايدۇ.
1
«بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئېڭى ۋە «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇپ، كەسىپلەر زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
1
ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىشى كېرەك.
1
تۆتىنچى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار رايونلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېڭى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە تەرەققىيات يولىنى ئورتاق ئىزدەشنى خالايدۇ.
1
يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ناملىق سەھىپىدە بۈگۈن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبىغىدىكى 11 ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرلىكتە ئالتۇن سۇ يولى ئېچىپ، رايوننىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرۈتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ،يېتىلدۈرگەنلىكىگە نەزەر سالىمىز
1
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت ياراتتى.
1
ئۇنىڭدىن باشقا، دۇڭ لۇڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان.
0
بىرىنچى، مەدەنىيلىك رەڭداردۇر، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان.
1
ھازىرغا قەدەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 2717 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 745 كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاماملاپ، ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسى، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى ئاراساي مەھەللىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى يېڭىدىن قۇردى.
1
يىغىندا يەنە ئامما ئەتراپىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت لايىھەسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
0
ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، يۈزەكى بولۇش، مەنپەئەتكە بېرىلىشتەك ناچار ئۆگىنىش ئىستىللىرىنى توغرىلاپ، تۈزىتىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
1
بۇ كىشىلەرنىڭ دېلو بېجىرىش تەجرىبىسى مول، كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە سەپلەنسە، چاڭچۈەن شەھرىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش، دېلو بېجىرىش ئىقتىدارىنى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
1
كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان قادىر ئائىلىسىنىڭ مور ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، شۆھرەت زاكىر مورنىڭ تېرىلىش، سېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
1
ئۆز ئارا سوقۇلغىنى ۋېست(غەربىي) جېت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 174 ئادەم ئولتۇرغان يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن سانۋىڭ(قۇياش قانىتى) ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ قۇرۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، سوقۇلغاندىن كېيىن سانۋىڭ(قۇياش قانىتى) ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت كەتكەن.
0
تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ خەلقئارا ئىناۋەتكە ئىگە سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو - قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بەرپاچىسى ۋە تۈرتكە بولغۇچىسى.
1
پائالىيەت ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تارىخنى ئۇنتۇماسلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيەلىدى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيەنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
1
ئون دۆلەتنىڭ گۈللۈكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۈلى، ئۆزگىچە گۈل - گىياھلىرى لايىھەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق ئادىمىيەت مەنزىرىسى ۋە تەبىئەت مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى، دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنيا خەلقى دوستانە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان كاتتا مەرىكە ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى ئىدى.
1
شىنجاڭ داشۆ بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇم ئابلىز تەنتەنىلىك ھالدا پىلاكاتقا ئىمزا قويدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، ھەربىر پۇقرا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى ئەڭ ئالىي مەسئۇلىيەت قىلىشى كېرەك.
1
ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ ھەم ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
1
ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى نۇرلاندۇرۇش
1
كۇرسانتلارنىڭ تۈرلۈك مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، پۈتۈن بەدىنى لاي، سۇ بولۇپ كەتسىمۇ توسالغۇلار ئالدىدا توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى.
1
ھازىرغىچە، 20 مىڭ 800 كىشىنى تەشكىللەپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتناشتۇردى، 23 مىڭدىن ئارتۇق تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىپ، 11 مىڭ 900 ئادەمنى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، 22 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
1
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۇلۇغ تەشەببۇس بولۇپ، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇل ئەسلىھە ۋە قاتناش تىرانسپورتتىكى بوغما ھالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىدۇ، مەدەنىيەت سۆھبىتى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، ئەسەبىزم، تېررورىزم قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى تۈپتىن يوقىتىشقا پايدىلىق.
1
جۇڭگولۇق، ياپونىيەلىك، كورېيەلىك دۇمباقچىلار «ئىلھام - مەدەتلەر كۆككە يەتتى، تالاي كېمە بەيگىگە چۈشتى» دېگەن سوقما چالغۇ مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، جاراڭلىق دۇمباق ئاۋازى ئاسىيانىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدەك مەردانىلىقىنى نامايان قىلدى.
1
شى جىنپىڭ مۇنداق دىدى : بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، بىرلىكتە تىرىشىپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز – ئارا مەنپەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى دوستلۇق ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك .
1