text
stringlengths
16
1.29k
label
int64
0
1
سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشنى ھەم شەرقىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
1
دېھقانلارنىڭ كېسەل داۋالىتىشى ئاسان ، ئىچىدىغان سۈيى بىخەتەر بولدى.
1
كورىيە تەرەپنىڭ ئۆمەك باشلىقى جاۋ مىڭجۈن چاۋشيەننى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان، كورىيە تەرەپ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۇمگاڭ تېغى ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كورىيە-چاۋشيەن ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كائېسوڭ سانائەت باغچىسى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك سۆھبەتلەرگە قاتناشقان.
1
شۇنۇڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۈلۈك ھوقوقىنى تىزىملاپ ھوقوق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، تېخىمۇ ئېنىق، قېلىپلاشقان مۈلۈك ھوقوقى تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردى.
1
نەزەرباغ ساقچىخانىسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاممىۋى خىزمەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشى بولۇشتەك تەسىرلىك ئوبرازىنى ياراتماقتا.
1
بۇ يىل 2-ئايدا، خوتەن ۋىلايىتى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى «باھار شامىلى ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش - ئېھتىياج سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
1
بىز ياشلارنىڭ ئويلىرى، ئەندىشىلىرى، ئارزۇلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ خىزمەت ئىزدەش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەش، جەمئىيەتكە سىڭىشىش، ئۆيلىنىش، مۇھەببەتلىشىش، دوست تۇتۇش، ياشانغانلارنى بېقىش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى غەم يەيدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ياشلارغا ياخشى تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈشنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكى، غەمخورلۇقنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
1
تۆتىنچى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش.
1
چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تاتىراڭ بازارلىق ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى تەۋەلىك رايونىدىكى دېھقان - چارۋىچى ئاممىغا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى باتۇرلۇق بىلەن قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىللىككە چېتىشلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، رادىيودا تەكرار ئاڭلىتىش ئارقىلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
1
كۈرەش قىلىش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا مۇشەققەتكە، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان بولىدۇ.
1
ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «بىرىنچى قول» ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق مەسئۇلىيىتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىشى كېرەك.
1
باش شۇجى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەتتە، بولۇپمۇ ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ھەم باتۇرانە كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقىنى، ھەم ئۆزىنى قوغداشقا، يولداشلارنى قوغداشقا ماھىر بولۇپ، تىرىشىپ ئەڭ كىچىك بەدەل ئارقىلىق ئەڭ چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
1
«بۇ بىرنەچچە يىلدا، قۇم بىلەن داۋالىنىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن يىلدا 1000دىن ئارتۇق دېگۈدەك ئادەمنى كۈتۈۋالىمەن، كىرىمىم 50- 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى ئائىلە مېھمانخانا ئېچىۋاتقىنىغا 16 يىل بولغان كەنت ئاھالىسى لەتىپە ھېسام خۇشال ھالدا.
1
ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
1
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى قىلىپ ۋە يوليورۇق بېرىپ، تەستىق سېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى، ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي تەلەپلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
1
شۇ كۈنى ئەتىگەندە، يەمەن قۇساي قوراللىق كۈچلىرى خەۋەر بېرىپ، سادا ئۆلكىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىگىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ بىر كۆرەشچى ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۋەتتۇق دېدى، ئەمما كونكرت ۋاقىت ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى تىلغا ئالمىدى.
0
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ خەۋەر قىلىدۇ: «ئۆيىمىز ئىلگىرىكىدىن چوڭ، تۇرالغۇ شارائىتىمىزمۇ ئىلگىرىكىدىن راھەت، سافا، ساجى ۋە كارىۋاتنىڭ ھەممىسىنى يېڭىدىن سېتىۋالدۇق، كۆكتات سېتىۋېلىش، كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ھەممىسى شۇنداق قولايلىق.» 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دەنساق دولقۇن تېلېفون ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى يەتكۈزدى.
1
جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى قوش قانات قىلغان تەرەققىيات جەريانى.
1
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ خىزمەت ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نىزام - تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
1
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا يۈزلىنىپ، زاپاس مال، ئۈسكۈنە، پۇل مۇئامىلە مۈلكى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مۈلۈكلەرنى رەنىگە، گۆرۈگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسىپلىرىنى قانات يايدۇرۇشى؛ شارائىتى بار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى «ئالاقە تورى +» ئەندىزىسى بويىچە، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى؛ تىجارەتتە سەمىمىي، مالىيە ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا كىرېدىت قەرز پۇل بېرىشى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭجېڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىشى كېرەك.
1
بۈگۈنكى كۈندە، ئاسىيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئالماشتۇرۇلۇپ، سىغدۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا مەۋجۇت بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك گۈللىرى دۇنيا سەھنىسىدە پورەكلەپ ئېچىلماقتا.
1
كوپىراتىپ ئەزاسى ھەم ھۆددىگەر چوڭ ئائىلە مۇ گوشيۇڭ مۇنداق دېدى: «دېھقانلار يەر تېرىشتا ئىلغار تېخنىكىنى قوللانغاچقا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئالدىراش بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ئارىسال بولۇپ قالدۇق، مەن 2000 مو يەرنى ھۆددىگە ئالغان، تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە ئاران تۆت ئادەم ئىشلەتتىم، يەر تېرىش ئۈنۈمدارلىقى ئۆستى، پاختا ھوسۇلىمۇ ئاشتى.» يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەمگەك كۈچلىرى ئازاد قىلىندى ھەم تەننەرخمۇ تېجەپ قېلىندى، بىكار قالغان دېھقانلار زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىسە، يەنە ئارتۇق كىرىم قىلالايدۇ.
1
تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، بارغانسېرى كۆپ كىشى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنىڭ زور دولقۇنىغا ئاتلاندى.
1
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2018- يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىپ، 2019- يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
1
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى، دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشى، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، ئۈزلۈكسىز ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلىشى، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلىشى، بىر ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي ھېسسىياتىنى بېغىشلاش، بىر ئۆمۈر قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلۇغ بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشى كېرەك!
1
مۇشۇنداق قىممەتلىك روھقا ئىگە بولغاندا، ئاخىرىدا ئالتۇن مېدال ئېلىش - ئالالماسلىق مۇھىم ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى، ئارزۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلغان، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلەلەيدىغان ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەردۇر.
1
ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا، سېلىنما، نېفىت - گاز ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر ئالاقىسى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور.
1
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا، سوۋېت رايونلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مەسىلىسىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.
1
جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، يەرلىك ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
1
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئىتالىيەگە قىلغان زىيارىتى ئىتالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىتالىيە خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
1
ئەتىياز كېلىپ گۈللەر ئېچىلىپ، ئۆسۈملۈك تېرىش مەزگىلى يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات مايسىلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ ئاشتى، سودىگەرلەرمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، كۆكتات دۇكىنى، بازارلارغا كىرىپ، تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە-چېۋە مايسىلىرىنى ساتتى.
1
مەيىن باھار شامىلى چىقىپ تۇرغان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتى يېزا مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە گۈزەل رەسىمدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
1
جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.
1
تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە خۇxنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدى.
0
گۈزەل مەنىۋى ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىش
1
تۆتىنچى، باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەر، يول ئاچقۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، دولقۇن يېرىپ ئېلىشىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش داۋامىدا زېمىن ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق باھارى ۋە تەرى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك.
1
باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن.
1
بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
1
يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىلىم-پەن فوندې ئېلان قىلغان« ئامېرىكا ئېلىم-پەن ۋە قۇرۇلۇش كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو شەك-شۈبىھىسىز ھالدا دۇنيادىكى 2-چوڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش دۆلىتىگە ئايلانغان.
1
ئابلىمىتنىڭ رەسىملىرى كۆپ قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قىلغان ھەربىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
1
گۈزەل كۈنلەرگە ئېرىشكەندە، سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەپ، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جەمئىيەت ۋە خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەك.
1
پۈتۈن مۇساپىلىك، تولۇق قاپلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تىرىشىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تەستىقلاش ۋاقتىنى 120 خىزمەت كۈنى ئىچىگە قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
1
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان يازما، سۈرەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
0
يىراق بولمىغان جايدا، ئاچىسىنىڭ ئاشخانىسىغا ياردەملىشىۋاتقان مەمەت ئوسمان بىر تەرەپتىن مېھمانلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن ئەپچىللىك بىلەن كاۋاپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
1
جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ دۇنيا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.
1
ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يېڭى دەۋر، يېڭى ئىدىيەنىڭ مېغىزلىق مەزمۇنى ۋە ئېتىقاد ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە كۈچەشكە قوزغاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردۇق» دېدى خەن جىچياڭ.
1
بىرنەچچە ۋەكىلنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇنداق دىدى: گۇيجۇنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل، قاتناش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قاقاسلىقنى ئۆزگەرتكەندىلا ھەم نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىلا نامراتلىقنى پۈتۈنلەي تۈگەتكىلى بولىدۇ.
1
تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ ئۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون، ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
1
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار خۇx(ئەر، خەنزۇ، 44 ياش، ئىلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن)نىڭ پەيتلىك ئالاقىلىشىش توپى، چەمبىرىكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىگە چېتىلىدىغان پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان.
0
21 كىلومېتىرلىق ئاسفالت يول تولۇق قاپلاپ، ئۇدۇل ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى.
1
تاماشىبىنلار ئاڭلاپ ئالقىش ياڭراتتى.
1
كېۋەزلىكنى ياخشى پەرۋىش قىلالمىغاچقا، ئايشەم بىر مەھەل كەنتتىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە بولۇپ قالغانىدى.
0
2018- يىلى 7- ئايدا، ليۇ شېڭغا پارتىيەدە ئىككى يىل قالدۇرۇپ سىناش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
0
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مۇقەررەر ھالدا مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلەر بولىدۇ، مۇقەررەر ھالدا جاپالىق، خەتەرلىك توسالغۇلار، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلار بولىدۇ، بۇلار بىزنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىزغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق.
1
تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش، قەتئىي ھالدا مەركەز نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ئوبيېكتىپ، ئادىل ھالدا نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىش، ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشقا قەتئىي ماسلىشىش، نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.
1
سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
1
سوۋېت رايونىدىكى ئامما خالىس تۆھپە قوشۇپ ئىنقىلابقا ياردەم بەردى، قىزىل ئارمىيەنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ئېتىقادنى چىڭىتىپ قۇربان بېرىشتىن قورقمىدى، جەنۇبىي جياڭشى سوۋېت رايونىدىكى ئارمىيە ۋە خەلق ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان قىزىل ئېتىقادنى تاۋلاپ چىقتى.
1
«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن خادىم تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئارقىلىق، مەن كۆڭلۈمدىكىدەك خىزمەت تېپىپ، رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقتىم، تىرىشىپ ئىشلەپ نەتىجە يارىتىمەن» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، يېما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاتچىلىق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ما يۈەنيى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى.
1
مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى كۈچلۈك سىياسىي، ئىدىيە ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
1
ئۇلۇغ جۇڭگو قازاقىستان يۈكسەك ئىشىنىدىغان ياخشى ھەمراھ.
1
شۈ نيەنشى بۇ ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خادىملارنى دەرھال نەق مەيدان ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى، ئۇلار ئىككى قاتناش ساقچىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال تەتقىق قىلىپ، ئاگاھلانشۇرۇش جازاسى بەردى.
0